ئالپئارسلان بايراقتار، گاباردىن كۈنىگە 75 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار، شىرناق گابار رايونىدىكى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 75 مىڭ ۋارىلغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2234408

مىنىستىر بايراقتار X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بايقىشىىنىڭ گابار رايونىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.
مىنىستىر بايراقتار: «يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان شېھىت بەرگەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە، بۇ رايوندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپىسى ئېچىلدى ۋە ھازىر ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈندە تەخمىنەن 75 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونغا ئايلاندى» دېدى.