تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى  2024-يىلى 11-ئايلىق ئەمگەك كۈچى ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.

2229017
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىمەكتە

ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە بويىچە 15 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياش گۇرۇپپىسىدىكى ئىشسىزلار سانى 2024-يىلى 11-ئايدا ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 84 مىڭ ئازىيىپ، 3 مىليون 72 مىڭ كىشىگە چۈشكەن. ئىشسىزلىق نىسبىتى 0.1 پىرسەنت تۆۋەنلەپ 8.6 پىرسەنت بولغان.

ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا 0.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر