تۈركىيە ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماكلى ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۆپ تەرەپلىمە راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2229149
تۈركىيە ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىبراھىم يۇماكلى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئىران دېھقانچىلىق ساھەسى ھەمكارلىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 30 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۆپ تەرەپلىمە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ تۈركىيەنىڭ ئاسىياغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى، تۈركىيەنىڭمۇ ئىراننىڭ ياۋروپاغا ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن يۇماكلى: «جازا تەدبىرلىرى قويۇلدى دەپ، قوشنىمىز ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرمىدۇق، بۇندىن كېيىنمۇ ئاخىرلاشتۇرمايمىز» دېدى.

نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئىران بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە، بولۇپمۇ بانكا سىستېمىسىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر يۇماكلى: «بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر