ئۆمەر بولات باڭلادىشتا
تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات باڭلادىشنىڭ پايتەختى داككادا زىيارەتتە بولماقتا.
ئۆمەر بولات ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، باڭلادىش زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
بولات باياناتىدا، باڭلادىش سودا ۋە توقۇمىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرى شەيخ بەشىر ئۇددىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە سودا ساھەسىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۆزئارا مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.»
مىنىستىر بولات 2024-يىلى 1 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن سودا ھەجمىنى 2 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.