تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورتى تېز ئاشماقتا
تۈركىيەنىڭ زەيتۇن يېغى ئېكسپورتچىلىرى 2024-يىلى 1-نويابىردا باشلانغان ئېكسپورت مەۋسۇمىغا تېزلا قەدەم قويدى.
بولۇپمۇ رىقابەتچى دۆلەتلەردىكى ھوسۇل ئازلاش ۋە بۇنىڭ ئەكسىچە تۈركىيەدىكى مەھسۇلات موللۇقى ئېكسپورتچىلارغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.
مەۋسۇمنىڭ 2 - ئېيىدا مىقدار جەھەتتىن 101 پىرسەنت ئېشىپ، 16 مىڭ 86 توننىغا چىققان زەيتۇن يېغى ئېكسپورتىدىن 86 مىليون 405 مىڭ دوللار چەتئەل پىرىۋۇتى كىرىم قىلىندى.
ئېكسپورتنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلىندى.
تۈركىيە ئەڭ كۆپ ئامېرىكاغا زەيتۇن يېغى ساتقان بولۇپ، ئېكسپورت نىسبىتى 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 5 ھەسسە ئېشىپ، 7 مىڭ 520 توننىغا يەتتى.
ئامېرىكاغا قىلىنغان ئېكسپورتنىڭ كىرىمى 260 پىرسەنت ئېشىپ، 39 مىليون 106 مىڭ دوللارغا يەتتى.
زەيتۇن يېغىدا مۇھىم رىقابەتچىلەردىن بىرى ئىتالىيە بولۇپ، ئىتالىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتىمۇ 442 پىرسەنت ئېشىپ، 1811 توننىغا، ياراتقان قىممىتى 318 پىرسەنت ئېشىپ، 8 مىليون 13 مىڭ دوللارغا يەتتى.
ئىسپانىيەگە بولسا 5 مىليون 686 مىڭ دوللارلىق 1224 تون زەيتۇن يېغى سېتىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانغىمۇ 157 پىرسەنت ئېشىش بىلەن 930 تونتا زەيتۇن يېغى ئېكىسپورت قىلىندى، ياراتقان قىممىتى 57 پىرسەنت ئېشىپ، 4 مىليون 597 مىڭ دوللارغا يەتتى.