ئۆمەر بولات باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدۇ
سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات تۈركىيە - باڭلادېش ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 9-يانۋار كۈنى باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدۇ.
2227964
بولات زىيارىتى دائىرىسىدە باڭلادېش ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلارنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
تۈركىيەنىڭ سودا ساھەسىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان ھەيئەت، سودا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەجمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن «يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ، شۇنداقلا تۈرك كارخانىچىلار بىلەن باڭلادېش كارخانىچىلىرى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ زىيارەت، تۈركىيە – باڭلادېش ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش جەھەتتىن مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.