شىمشەك: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىدىن بىرى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2216618
شىمشەك: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىدىن بىرى

مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى سەئىد سانى زاھىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 53-قېتىملىق قۇرۇلۇش خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان مىنىستىر شىمشەك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ، بىزگە نىسبەتەن بەشىنچى سودا شېرىكى بولدى. بۇ نەتىجىدە، ئەلۋەتتە، ئالتۇن مۇھىم رول ئوينىدى. بىز سودىمىزنى مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئاشۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز. نۆۋەتتىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىمىز، بولۇپمۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى ھەر ئىككى دۆلەت پايدىلىنىدىغان مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىنى ئاچتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر