ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمى (STA) مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
2211489
ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى — 10-نومۇر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش ۋەزىر كېير ستارمېر بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئو دې ژانېيرو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ستارمېر ئەنگلىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ 2025-يىلى قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا سۆھبەت توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئەنگلىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك ئورنىتىشنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن «ئىنتايىن مۇھىم ئىشلار»دىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
مودى ستارمېر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە تېخنىكا، يېشىل ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدە «يېقىندىن ھەمكارلىشىش» ئىستىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەنگلىيە-ھىندىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبەتلىرى 2022-يىلى يانۋاردا باشلانغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتتىكى سايلاملار سەۋەبىدىن توختاپ قالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.