«Vista» ناملىق ساياھەت پاراخوتى مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە لەڭگەر تاشلىدى
مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە «Vista» ناملىق ساياھەت پاراخوتى بىلەن 1156 يولۇچى كەلدى.
2182199
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارشال تاقىم ئارىلى بايرىقى ئېسىلغان 242 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «Vista» ناملىق ساياھەت پاراخوتى بودرۇم ساياھەت پاراخوتلىرى پورتىدا توختىتىلدى.
ئانتاليا پورتىدىن كەلگەن بۇ پاراخوتتا كۆپىنچىسى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلىك بولۇپ، جەمئىي 1115 يولۇچى ۋە 779 خادىمنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاراخوت بىلەن كەلگەن ساياھەتچىلەر تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، پاشاتارلاسى ۋە قۇمباھچە دېڭىز ساھىلىنى بويلاپ يۈرۈشكە چىقتى ھەمدە بازار ۋە تارىخىي جايلارنى زىيارەت قىلدى.