تۈركىيەنىڭ چاي ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى چاي ئېكسپورتى 14 مىليون 887 مىڭ 221 دوللارغا يەتتى.
2180919
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 114 دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئەركىن سودا رايونلىرىغا 3 مىڭ 126 توننا چاي ئېكسپورت قىلىندى، بۇنىڭدىن 14 مىليون 887 مىڭ 221 دوللار كىرىم قىلىندى.
بۇ مەزگىلدە ئەڭ كۆپ چاي ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت بېلگىيە بولدى، بۇنىڭدىن 5 مىليون 248 مىڭ 461 دوللار كىرىم قىلىندى.
بېلگىيەدىن قالسا ئەنگلىيەگە 2 مىليون 201 مىڭ 913 دوللارلىق، گېرمانىيەگە 1 مىليون 125 مىڭ 902 دوللارلىق چاي ئېكىسپورت قىلىندى.