شەرقىي قارادېڭىزدىن 11 دۆلەتكە ھەسەل ئېكىسپورت قىلىندى
شەرقىي قارادېڭىزدىن 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 دۆلەتكە ھەسەل ئېكىسپورت قىلىندى.
2178677
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ساففەت قاليونجۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي قارادېڭىزدىن 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە 11 دۆلەتكە 335 توننا ھەسەل ئېكىسپورت قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىر مىليون 411 مىڭ دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ھەسەل ئېكىسپورتىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 665 مىڭ 390 دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ئامېرىكادىن قالسا گېرمانىيەگە 376 مىڭ 367 دوللارلىق، سەئۇدى ئەرەبىستانغا 154 مىڭ 53 دوللارلىق ھەسەل ئېكىسپورت قىلىندى. بۇ مەزگىلدە يەنە مەزكۇر رايوندىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىۋىيە، قاتار، ئوممان، ئەزەربەيجان، باڭلادېش، بېلگىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەسەل ئېكىسپورت قىلىندى.»