تۈركىيەدىن 116 دۆلەتكە 175 مىليون دوللارلىق دوسقان زەيتۇنى ئېكسپورت قىلىندى
ئەگە ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى (EİB) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە تۈركىيەدە باشلانغان زەيتۇن ئېكسپورت پەسلىنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيى ئىچىدە دوسقان زەيتۇنى ئېكسپورتى %15 ئېشىپ 175 مىليون دوللارغا يەتكەن.
2173981
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داۋۇت ئەر دوسقان زەيتۇنى ئېكسپورتى پەسىلىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە 2 ئاي قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
داۋۇت ئەر بۇ جەرياندا ئېكسپورتتا 200 مىليون دوللارلىق نىشاندىن ھالقىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەدىكى 85 مىليون كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىنىمىزغا ئوخشاش، 116 دۆلەتكە 65 مىڭ 325 توننا زەيتۇن ئېكسپورت قىلدۇق. 2024 – ۋە 2025 – يىللىق پەسىلدە ئېكسپورتنى 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېدى.
زەيتۇن ئېكىسپورتىدا 43 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق ئېمپورت بىلەن گېرمانىيە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
«Vista» ناملىق ساياھەت پاراخوتى مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە لەڭگەر تاشلىدى
مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە «Vista» ناملىق ساياھەت پاراخوتى بىلەن 1156 يولۇچى كەلدى.