تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى  ئىيۇندا 7 مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇدى

توشۇلغان يولۇچىلار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %7.4 ئاشتى.

2161346
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى  ئىيۇندا 7 مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تولۇش نىسبىتى %81.7 ۋە دۆلەت ئىچى تولۇش نىسبىتى %87.5  بولدى.

توشۇلغان يۈك ۋە پوچتا مىقدارى 2023-يىلى ئىيۇندا 138 مىليون 700 مىڭ توننا بولغان ئىدى. بۇ يىل ئوخشاش مەزگىلدە بۇ نىسبەت %26 ئېشىپ 174 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتتى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچى توشۇش نىسبىتى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %4.8 ئېشىپ، 40 مىليون 600 مىڭغا يولۇچىغا يەتتى.

2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا توشۇلغان يۈك ۋە پوچتا ئومۇمىي مىقدارى 747 مىليون 900 مىڭ توننا بولغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئىشاش مەزگىلىدە %32.3 ئېشىش بىلەن 989 مىليون 400 مىڭ توننىغا يەتتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر