تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان شېرىكلىشىپ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرىدۇ

قىرغىزىستاننىڭ باتكەن رايونىدا قىرغىزىستان-تۈركىيە شېرىكچىلىكىدە نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇلىدۇ.

2160539
تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان شېرىكلىشىپ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر تالايبېك ئىبرايېۋنىڭ باتكەن رايونىنىڭ كادامچاي ناھىيەسى كۆك-تالئا يېزىسىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار خادىملاردىن ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىركەت مەسئۇللىرى قىرغىزىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باش ئىدارىسى (قىرغىزترانسنېفىتگاز) بىلەن قىرغىزىستان-تۈركىيە ك—نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ كۈنىگە 500 توننا خام نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە زاۋۇتىنىڭ سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار تارماقلار جەمئىي 90 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشىدا نۆۋەتتە 41 قىرغىز ۋە 10 تۈرك مۇتەخەسسىسنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، قۇرۇلۇشنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ پۈتكەنلىكىنى، 4 نېفىت قۇدۇقىدىكى رېمونت قىلىش ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە تېگىشلىك ئىجازەتلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشتى.

قىرغىزىستان-تۈركىيە ك—نېفىت-تەبىئىي گاز شىركىتى 2023-يىلى 23-مارت «تۇندۇك سوخ» ۋە «چۇڭگارا گالچا» نېفىتلىكىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر