تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا دىيالوگ يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سودا دىيالوگىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش يىغىنلىرى بۈگۈن (8-ئىيۇل) بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2160267
تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا دىيالوگ يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، رەسمىي ھەيئەتلەر بىلەن خۇسۇسىي ساھە ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان يىغىنلارغا، مىنىستىر ئۆمەر بولات ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋالدىس دومبروۋىسكىسنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار ئارىسىدا، ئىككى تەرەپ سودىسىنى ئاشۇرۇش، تاموژنا ئىتتىپاقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنى باشلاش، يېشىل ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش تىرىشچانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قويغان ۋىزا تەلىپىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇرۇقلۇق تىرانسىپورت ساھەسى ئۈچۈن دۆلەت نورمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر