تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكىسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيدىكى ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، 18 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى.

2158964
تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكىسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى تۈركىيەنىڭ 6-ئايدىكى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيدىكى ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، 18 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيەنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئېكسپورتى 125 مىليارد 400 مىليون دوللارغا، 12 ئايلىق ئېكسپورتى بولسا 257 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئەڭ كۆپ ئېكىسپورت قىلىنغان ساھەلەر رەت تەرتىپىدە، ئاپتوموبىل ئېكىسپورتى ئىيۇن ئېيىدا 2 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ساھە بىرىنچى ئورۇننى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭدىن قالسا ئېيۇن ئېيىدا خىمىيە سانائىتى ساھەسى 2 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ئېكىسپورت سوممىسى بىلەن ئىككىنچى،   پولات-تۆمۈر سانائىتى ساھەسى 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق ئېكىسپورت سوممىسى بىلەن ئۈچىنچى بولغان.

ئەڭ كۆپ ئېكسپورت گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە ئىراققا قىلىنغان. تۈركىيەنىڭ رۇمىنىيە، گىرېتسىيە ۋە بۇلغارىيەگە قىلىنغان ئېكسپورتىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر