پامۇققەلئەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشتى

ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن دەنىزلىدىكى پامۇققەلئە خارابىلىكلىرىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1 مىليونغا يېقىنلاشتى.

2158967
پامۇققەلئەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 811 مىڭ 156 مېھماننى كۈتۈۋالغان پامۇققەلئە خارابىلىكلىرىنى بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا  985 مىڭ 345 ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.

 كەچلىك مۇزېي پائالىيىتى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان پامۇققەلئە خارابىلىكلىرىگە كەلگەنلەر، شىپالىق ئارىشاڭ سۈيى ۋە قەدىمىي شەھەرلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، بۇ رايوننى 6-ئايدا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 12 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 7-ئايدا ساياھەتچىلەر سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر