دۇنيا بانكىسى تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %3، كېلەر يىلى %3.6 ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2127083
دۇنيا بانكىسى تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى؛ دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشقا، پۇل سىياسىتىنىڭ چىڭىشقا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاشقا ۋە تاۋار باھاسىنىڭ تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىشى سەۋەبىدىن بۇ يىل ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشقا يۈزلىنىشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش سەۋەبىدىن، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ بۇلتۇر %3.3 ئاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ  ئېشىش سۈرئىتىنىڭ بۇ يىل %2.8 كە تۆۋەنلىشىنىڭ، كېلەر يىلى بولسا، رايون ئىقتىسادىنىڭ %2.7 ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %3، كېلەر يىلى %3.6 ئېشىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، تۈركىيەدە يولغا قويۇلغان پۇل سىياسىتى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىقىنىڭ مايدا يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن، تەدرىجىي تۆۋەنلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر