تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىدى
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى سېنتەبىر ئېيىدا 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ٪9.1 كە چۈشتى.
2063045

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى 9-ئايلىق ئەمگەك كۈچى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 9-ئايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ٪9.1 كە چۈشۈپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.
مەملىكەت بويىچە ئىشسىزلارنىڭ سانىدىن 46 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 168 مىڭ ئادەمگە چۈشكەن.
9- ئايدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 31 مىليون 686 مىڭغا يەتكەن.
ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سېپىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى 34 مىليون 854 مىڭغا، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ٪48.3 كە يەتكەن.