ئۇرۇش توختىماي تۇرۇپ، تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلمايدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار تۈركىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىماي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھېچقانداق ئېنېرگىيە تۈرىنى مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.
مىنىستىر بايراقتار، ئىسرائىلىيە 7- ئۆكتەبىر غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «مۇشۇنداق ئېغىر رەھىمسىزلىك ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىۋاتقان شارائىتتا، ھەر قانداق بىر تۈر توغرىسىدا ئېغىز ئېچىش ئادىمىيلىكىمىزگە ۋە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سۆزلەيدىغان بىردىنبىر ئىشىمىز، غەززەنىڭ توك، سۇ ۋە يېمەكلىك ئېھتىياجىنى قانداق قىلىمىز؟ دېگەندىن ئىبارەت بولۇشى مۇمكىن. بىردىنبىر تۈر بۇ بولىدۇ» دېدى.
غەززە ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايوندا ھاياتنىڭ توختاپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مىنىستىر بايراقتار، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز (غەززەگە) گېنېراتورلارنى ئەۋەتتۇق؛ ئۇلار رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا ساقلاۋاتىدۇ. <Power Ship> دەپ ئاتىلىدىغان كۆچمە ئېلېكتر پاراخوتى ئارقىلىق ئۇ يەرگە قانداق تۆھپە قوشايلايمىز، ئۇ كىشىلەرنى قانداق قىلىپ نورمال تۇرمۇشىغا قايتۇرالايمىز؟! (بۇلارنى ئويلىشىۋاتىمىز) ئۇرۇش توختىماي تۇرۇپ، ھەرقانداق بىر نەرسە ھەققىدە سۆزلىشىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە ئىقتىسادى % 2.1 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇدا 17 پەسىلدىن بۇيان داۋاملىق تەرەققىي قىلماقتا.