ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بىر قىسىم مال - مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىناغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رۇسىيەنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان بىر قىسىم مال - مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىناغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى قوللىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يەنە «خەلقئارالىق تۆلەم مېخانىزمى» ئورنىتىلىپ، ئامېرىكانىڭ چەت ئەللىك شېرىكلىرى بىلەن ماسلىشىپ، رۇسىيە مەبلىغىنى ئۇكرائىناغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ مال – مۈلۈكلىرى ئۈستىدىكى قامالنى بىكار قىلىش موسكۋا تۆلەم تۆلەپ، ھەربىي قىسىملىرىنى ئۇكرائىنا زېمىنىدىن چېكىندۈرگەندىلا مۇمكىن بولىدۇ. بىر مەزگىل ئىلگىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان رۇسىيە مەبلىغىنى ئۇكرائىناغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ قانۇنىي يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
سېنتەبىرنىڭ بېشىدا، ئانتونى بلىنكېن رۇسىيە سودىگەرلىرىنىڭ 5 مىليون 400 مىڭ دوللىرىنىڭ كىيېۋغا بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىكى مۇسادىرە قىلىنغان مۈلۈكلىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 280 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل رۇسىيە مال-مۈلۈكلىرى ئۈستىدىكى قامالنىڭ ھېچقانداق ئالدىنقى شەرتسىز بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا؛ كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، بۇ خىل قەدەملەرنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ بارلىق قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.