فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى «فىليوس-1» قۇدۇقىدا بۇرغىلاش باشلىدى

تۈركىيە نېفىت پاي چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى — TPAO، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزدىكى يېڭى ئورنى فىليوس- 1 قۇدۇقىدا بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2044220
فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى «فىليوس-1» قۇدۇقىدا بۇرغىلاش باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە نېفىت پاي چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا دېڭىزدىكى يېڭى بۇرغىلاش خىزمىتى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

تۈركىيە نېفىت پاي چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ چارلاش نىشانلىرى دائىرىسىدىكى بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئىشارەت قىلىنغان ئۇچۇردا: «فاتىھ فىليوس -1 دە! تۈركىيەنىڭ ئىپتىخارى بولغان فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى قارا دېڭىزدىكى يېڭى ئورنى فىليوس -1 قۇدۇقىدا بۇرغىلاشنى باشلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر