تۈركىيە رومېنىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدۇ
تۈركىيەدىن رۇمىنىيەگە كۈنىگە تۆت مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن نېفىت تىرانسپورت پاي چەكلىك شىركىتى (بوتاش) بايانات ئېلان قىلىپ، «بوتاش رايوندىكى چوڭ ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان OMV Petrom بىلەن مۇھىم كېلىشىم ئىمزالىدى. كۈنىگە تۆت مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان، مۇددىتى 2025 - يىلى 31 - مارت توشىدىغان كېلىشىم دائىرىسىدە، تۈركىيەدىن رومېنىيەگە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەبىئىي گاز سودىسى بىلەن بىرگە يەتكۈزۈش، زاپاسلاش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ھازىرغىچە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق رايون دۆلەتلىرىدىن گىرېتسىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋېنگىرىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش توغرىسىدا مۇھىم كېلىشىملەرنى تۈزگەن بوتاش، گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەرگە رومېنىيەنىمۇ قوشۇپ، قوشنا بازارلار ۋە ياۋروپادىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كۆپ خىللىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى مۇستەھكەملىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋغۇستتا ۋېنگىرىيە بىلەن، يانۋاردا بۇلغارىيە بىلەن تەبىئىي گاز ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.