تۈركىيە ئالدىنقى سەككىز ئايدا 37 مىليونغا يېقىن زىيارەتچى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا 36 مىليون 754 مىڭ 146 زىيارەتچى كۈتۈۋالدى.

2040910
تۈركىيە ئالدىنقى سەككىز ئايدا 37 مىليونغا يېقىن زىيارەتچى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن سېنتەبىرگىچە بولغان جەرياندا 33 مىليون 426 مىڭ 940 چەت ئەللىك ۋە ئۈچ مىليون 327 مىڭ 206 چەت ئەلدە تۇرىدىغان تۈركىيە پۇقراسى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %13.95 ئاشقان.

بۇ مەزگىلدە تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ زىيارەتچى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا  %44.84 ئېشىپ، 4 مىليون 351 مىڭ 254 ئادەم قېتىم بىلەن بىرىنچى قاتاردىن؛ گېرمانىيە %6.03 ئېشىپ، 4 مىليون 82 مىڭ 994 ئادەم قېتىم بىلەن ئىككىنچى قاتاردىن؛ ئەنگلىيە %12.36 ئېشىپ، ئىككى مىليون 652 مىڭ 188 ئادەم بىلەن ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغان؛ بۇ دۆلەتلەردىن كېيىن تەرتىپى بويىچە بۇلغارىيە بىلەن ئىران ئورۇن ئالغان.

ئاۋغۇستتا تۈركىيەگە كەلگەن چەت ئەللىك زىيارەتچىلەر سانى 6 مىليون 660 مىڭ 700 يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا  %5.65 ئاشقان.

ئاۋغۇستتا ئەڭ كۆپ زىيارەتچى ئەۋەتكەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدە، گېرمانىيە 871 مىڭ 270 ئادەم بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا  %1.52 ئاشقان؛ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى %5.68   ئېشىپ، 852 مىڭ 640 ئادەم بىلەن ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن؛ 588 مىڭ 448 ئادەم بىلەن ئۈچىنچى بولغان ئەنگلىيەنىڭ نىسبىتىدە %6.96 لىك ئېشىش كۆرۈلگەن؛ ئاندىن تەرتىپى بويىچە ئىران بىلەن پولشا تۆتىنچى ۋە بەشىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر