تۈركىيە 2026-يىلى يۇقىرى كىرىملىك ​​تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ بۇ يىل تەخمىنەن 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2038314
تۈركىيە 2026-يىلى يۇقىرى كىرىملىك ​​تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ بۇ يىل تەخمىنەن 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە 2026-يىلىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ تەرىپى بويىچە <كىرىمى يۇقىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر>  قاتارىغا كىرىدۇ» دېدى.

خەلقئارا تۈرك سودا كېڭىشى 10- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا داۋاملاشماقتا.

مىنىستىر مەھمەت شىمشەك پائالىيەتنىڭ داغدۇغىلىق كەچلىك زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ تۆۋەن ئېشىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ؛ «كەلگۈسى 5 يىلدا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ تەخمىنەن %3 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. چۈنكى دۇنيا ئىنتايىن چوڭ قەرزگە پاتقان بولغاچقا  ئىقتىسادىي ئېشىشمۇ چەكلىك بولماقتا.  نوپۇسنىڭ قېرىپ كېتىشىمۇ ئېغىر بىر مەسىلە. سېلىنمىلاردىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن يۈزلىنىش بار. ئىشلەپچىقىرىش ئۈنىمىمۇ تۆۋەن كېتىپ بارماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئىقتىسادىي ئېشىش چەكلىك بولمىدىغانلىقى ئېنىق» دېدى.

مەھمەت شىمشەك تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيادا ئىنتايىن ئېغىر گېئوپولىتىكىلىق يىمىرىلىش مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ،  «يەنى دۇنيا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن چوڭ توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن قوغدىنىش خاراكتېرلىق بىر سىياسەتتە يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ» دېدى.

مەھمەت شىمشەك يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ گېوپولىتىكىلىق مۇھىم ئورنى بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەھمەت شىمشەك بۇ يىل تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي كۈچكە  ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە 2026-يىلى دۇنيا بانكىسىنىڭ تەرىپى بويىچە يۇقىرى كىرىملىك ​​تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر