ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈمنى ئۆستۈرمىدى
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى (Fed) سىياسەت ئۆسۈمىنى %5.25-5 ئارىلىقىدا مۇقىملاشتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇقىم تۇتۇش قارارىنىڭ ئاۋاز بىرلىكى بىلەن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، فېدېراتسىيە ئېچىۋېتىلگەن بازار كومىتېتى (FOMC) نىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە پۇل پاخاللىقىنى %2 كە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى قوللاش ئۈچۈن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ %5.25-5 بولۇشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئارىدىن 15 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆسۈمنى مۇقىم تۇتقان بولدى.
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى 2022-يىلى مارت ئېيدا ئۆسۈمنى 25 نومۇر ئۆستۈرۈپ، 2018-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. مارت ئېيى (2023) دىكى يىغىندا بولسا، ئۆتكەن يىلى (2022) نىڭ مارت ئېيىدىن تارتىپ ھېسابلىغاندا 10-قېتىملىق ئۆسۈم ئۆستۈرۈش بىلەن جەمئىي 500 نومۇر ئۆستۈرگەن بولدى.
ئامېرىكادا پۇل پاخاللىقى ئۆتكەن يىلى (2022) ئىيۇندا %9 كە يەتكەن بولۇپ، بۇ 1981-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا ئىدى. بۇ يىل (2023) ماي ئېيىدا بولسا، %4 كە تۆۋەنلىگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.