دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %3.2 كە ئۆرلەتتى
دۇنيا بانكىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئىستىقبالى دوكلاتىنىڭ 6-ئايلىق سانىنى ئېلان قىلدى.
1996236

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: دوكلاتتا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل (2023) %3.2، كېلەر يىلى (2024) %4.3، 2025-يىلى %4.1 ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
دۇنيا بانكىسى 1-ئايدا ئېلان قىلغان مۆلچەرىدە 2023-يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %2.7، 2024-يىلى %4 ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.
دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ فېۋرال ئېينىڭ بېشىدا ئىككى چوڭ يەر تەۋرەشكە ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىشغا مۇھىم تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، 2023-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.