تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە % 4 ئاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى (1-ئايدىن 3-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى) ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى بىرىنچى پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ زەنجىرسىمان ھەجىم كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش پەسلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 4 ئاشقان.
شۇنىڭ بىلەن، 2020 – يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسىلگە كەلگەندە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇشقا باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئارقىمۇئارقا ئۇدا 11 پەسىل ئاشقان.
بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراشنى مەركەز قىلغان تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە قارىماي، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىىنىڭ % 4 لىك ئېشىشى دىققەت قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.