تۈركىيەدىن 98 دۆلەتكە چاي ئېكسپورت قىلىندى
بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەدىن چاي ئېكىسپورتى %39 ئېشىپ، 11 مىليون 365 مىڭ 591 دوللارغا يەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى (DKİB) مۇدىرىيەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەت ھەمدى گۈردوغان تۆت ئاي ئىچىدە 98 دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئەركىن رايونغا چاي سېتىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ 2023-يىلى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە قىلىنغان 2 مىڭ 323 توننا چاي ئېكسپورتىدىن 11 مىليون 365 مىڭ 591 دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۆتكەن يىل (2022) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 2 مىڭ 458 توننا چاي ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق 8 مىليون 192 مىڭ 169 دوللار كىرىم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ چاي ئېكسپورتىمىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %39 ئاشتى. بېلگىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە ئەڭ كۆپ چاي ئېكسپورت قىلىنغان ئۈچ دۆلەتكە ئايلاندى. بېلگىيەگە بۇ مەزگىلدە 4 مىليون 765 مىڭ توننا، ئامېرىكاغا 1 مىليون 934 مىڭ 866 دوللار، ئەنگلىيەگە 953 مىڭ 309 دوللارلىق چاي ئېكسپورت قىلىندى» دېدى.
ئۇ ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى بىلەن پاراللېل ھالدا دۆلەتلەر سانىنىڭمۇ كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ، سىلوۋاكىيە، مېكسىكا، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، گابون، پاناما، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، تەيۋەن، پورتۇگالىيە، ئانگولا، گامبىيە، توگو ۋە رىۋانداغا چاي ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ھافىزە گايە ئەركان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى
دوكتور ھافىزە گايە ئەركان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %3.2 كە ئۆرلەتتى
دۇنيا بانكىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئىستىقبالى دوكلاتىنىڭ 6-ئايلىق سانىنى ئېلان قىلدى.