لىۋىيە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رامازان بۇجەناھ لىۋىيەنىڭ تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1984636
لىۋىيە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رامازان بۇجەناھ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونى ۋە شەھەرلىرىنى ئېنېرگىيە، دېھقانچىلىق ۋە سانائەت قاتارلىق ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئاخبارات ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇجەناھنىڭ پايتەخت ترابلۇستا تۈركىيە سودا – سانائەتچىلىرى ۋە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىن جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلىرى بىلەن جەنۇبىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش - راۋاجلاندۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تېخنىكا ۋە كەسپىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى، تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىدىن لىۋىيەنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىدا پايدىلىنىش قاتارلىقلار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا يەنە، جەنۇبىي رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش - راۋاجلاندۇرۇش ئىدارىسى خادىملىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۇجەناھ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ لىۋىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە لىۋىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن تارىخىي مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، لىۋىيەنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا  ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر