ئەردوغان ئىستانبۇل پۇل - مۇئامىلە مەركىزىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ ئىستانبۇلنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇل - مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1976245
ئەردوغان ئىستانبۇل پۇل - مۇئامىلە مەركىزىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى
istanbul finans merkezi.jpg
istanbul finans merkezi.jpg
İstanbul Finans .1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇل پۇل - مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە،  6 - فېۋرالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قارىماي، مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ھەرىكىتىنى تېزلەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ: «بىز خەلقىمىزنى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز. بۈگۈنمۇ پۇل – مۇئامىلە ساھەسىدە تۈركىيەنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدىغان ئىستانبۇل پۇل - مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن ھاياجانلىنىۋاتىمىز» دېدى.

يەر شارى پۇل - مۇئامىلە ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىك ھالەتتە غەربتىن شەرققە قاراپ بۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان، تارىختا شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا جۇغراپىيەلىك ۋە سودا كۆۋرۈكى رولىنى ئوينغان ئىستانبۇلنىڭ پۇل - مۇئامىلە بازىرلىرى ئوتتۇرىسىدىمۇ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزلىرىنىڭ ئىستانبۇلنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇل - مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئىستانبۇل تارىختا قانداق بۇ دۆلەتنىڭ پۇل - مۇئامىلە مەركىزى بولغان بولسا، ھازىرمۇ قايتىدىن پۇل - مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىستانبۇل پۇل - مۇئامىلە مەركىزىنىڭ تۈركىيەنى يەر شارى پۇل - مۇئامىلە مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلغان يىراقنى كۆرەر تۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىستانبۇل پۇل - مۇئامىلە مەركىزىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 400 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇ 21 ئىشخانا بىناسى، 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق سودا مەركىزى، 2100 كىشىلىك قۇرۇلتاي مەركىزى، مېھمانخانا ۋە 26500 ئاپتومبىل سىغىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر مودېلى قاتارلىق ھەر خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن سودا دۇنياسىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر