دۇنيا بانكاسى يەر شارى ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى ئۆرلەتتى

دۇنيا بانكاسى يەر شارىنىڭ بۇ يىلقى (2023) ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى %1.7 دىن %2 كە ئۆرلەتتى.

1973109
دۇنيا بانكاسى يەر شارى ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى ئۆرلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى-دۇنيا بانكاسىنىڭ باھار يىغىنلىرى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى يەر شارى ئىقتىسادى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %2 ئاشىدىغانلىقىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقى، بۇنىڭغا خىتاي ئىقتىسادىدىكى ياخشىلىنىشنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بانكاچىلىق كەسپىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشقا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

بانكانىڭ يانۋاردا ئېلان قىلغان مۆلچەرىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %1.7 ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر