ئامېرىكا ۋە ئالجىرىيەدىن يولغا چىققان تەبىئىي گاز پاراخوتلىرى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى
ئامېرىكا ۋە ئالجىرىيەدىن يولغا چىققان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز توشۇغۇچى (LNG) پاراخوتلىرى تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق پاراخوتلارنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 14 - مارتتا ئالجىرىيەنىڭ ئارزەۋ پورتىدىن يولغا چىققان «Lalla Fatma N'Soumer» ناملىق تەبىئىي گاز پاراخوتى تۈنۈگۈن (19-مارت) ئەتىگەن سائەت 06.36 دە ھاتاي دۆرت يولغا جايلاشقان لەيلىمە تەبىىي گاز ساقلاش ئىسكىلاتىغا يېتىپ كەلگەن.
2004 - يىلى ياسالغان ۋە باھاما بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتنىڭ سىغىمىنىڭ 144 مىڭ 888 كۇب مېتىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
3 - مارتتا ئامېرىكانىڭ كامېرون تەبىئىي گاز پونكىتىدىن يولغا چىققان «Maran Gas Mystras» ناملىق پاراخوتمۇ تۈنۈگۈن سائەت 12:44 دە مارمارا ئېرەگلىسى تەبىئىي گاز پونكىتىغا يېتىپ كەلدى.
2015 - يىلى ياسالغان ۋە گىرېتسىيە بايرىقى ئېسىلغان پاراخوتنىڭ سىغىمىنىڭ 159 مىڭ 800 كۇب مېتىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %3.2 كە ئۆرلەتتى
دۇنيا بانكىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئىستىقبالى دوكلاتىنىڭ 6-ئايلىق سانىنى ئېلان قىلدى.