رىياد: نېفىتقا يۇقىرى باھا چېكى قويغان دۆلەتلەرگە نېفىت ساتمايمىز

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان بەزى دۆلەتلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا يۇقىرى باھا چېكى قويۇش ئېھتىمالىغا قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا توختالدى.

1960098
رىياد: نېفىتقا يۇقىرى باھا چېكى قويغان دۆلەتلەرگە نېفىت ساتمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان بەزى دۆلەتلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا يۇقىرى باھا چېكى قويۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «مەھسۇلاتىمىزغا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزگەن ھەر قانداق دۆلەتكە نېفىت ساتمايمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — SPA، ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىن سەلماننىڭ « Energy İntellengence» تورىغا بايانات بېرىپ، دۆلىتىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، «ئەگەر باشقا دۆلەتلەرمۇ شۇنداق قىلسا» ھەيران قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىن سېلمان «NOPEC» قانۇن لايىھەسى بىلەن يۇقىرى باھا چېكى قويۇشنىڭ دائرىىسىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بارلىقىنى بايان قىلىپ، «بۇنىڭ نېفىت بازىرىغا كۆرسىتىدىغان يوشۇرۇن تەسىرىنىڭ ئوخشاش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان بەزى دۆلەتلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا يۇقىرى باھا چېكى قويۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «مەھسۇلاتىمىزغا بۇنداق سىياسەت يۈرگۈزگەن ھەر قانداق دۆلەتكە نېفىت ساتمايمىز. بۇ خىل سىياسەتلەر ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش ۋە مۇقىملىققا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بىر پەيتتە يېڭى خەۋپلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. مەن بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ مۇقەررەر ھالدا بازارنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە داۋالغۇشىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن» دېدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — OPEC قا قارشى «نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچى بۈركۈتلەرگەر قارشى تۇرۇش — NOPEC» ناملىق قانۇن لايىھەسى تۇنجى قېتىم 2000-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قانۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئىلگىرى 16 قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر