ئامېرىكادا ئىككى بانكا ۋەيران بولدى

ئامېرىكانىڭ سىلىكون جىلغىسى بانكاسى بىلەن نىيۇ يوركتىكى ئىمزا بانكاسى ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولدى.

1959681
ئامېرىكادا ئىككى بانكا ۋەيران بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا دەسلەپتە، يېڭىلىق يارىتىشچان شىركەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن قۇرۇلغان سىلىكون جىلغىسى بانكاسى ۋەيران بولدى. ئارقىدىن نىيۇ يوركتىكى ئىمزا بانكاسى (Signature ) تاقالدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ھەر ئىككى بانكانىڭ ئامانەت قويغۇچىلىرىنىڭ تولۇق قوغدىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن: «بانكا سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلىنىدۇ» دېدى. ئەمما بۇ، دۇنيا بانكا ساھەسىنى تىنىچلاندۇرۇشتا يېتەرلىك بولمىدى.

دۇنيا ئاكسىيە بازارلىرىدا سودا قىلىنىۋاتقان بانكالارنىڭ پاي باھاسى تۆۋەنلىدى. بۇنىڭدا، خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ۋەيران بولۇش دولقۇنىنىڭ تارقىلىشىغا بولغان ئەندىشەسىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

سىلىكون جىلغىسى بانكاسىنىڭ شۆبىلىرى ئالدىدا، پۇل ئامانەت قويغۇچىلار پۇللىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەت ھاسىل قىلدى.

بانكا مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، ئىنتايىن يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بانكانىڭ قانداق بولۇپ بىر كېچىدە تۇيۇقسىز ۋەيران بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر سىلىكون جىلغىسى بانكاسىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ ئارقىسىدا خەتەرلىك مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقانلىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر