نەباتى 20 – گ گۇرۇھى تور يىغىنىغا قاتناشتى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى 20 – گ گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكاسى باشلىقلىرى تور يىغىنىغا قاتناشتى.

1950890
نەباتى 20 – گ گۇرۇھى تور يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر نەباتى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ھىندىستان ئۆتەۋاتقان 20 – گ گۇرۇھىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكاسى باشلىقلىرى تور يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەباتى يىغىننىڭ تۈركىيەگە ئايرىلغان قىسمىدا، 6 – فېۋرال كۈنى قاھرامانماراش قاتارلىق تۈركىيەنىڭ 11 ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە 20 – گ گۇرۇھى ئەزالىرىغا مەلۇمات بەرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۆلىتىمىزنى قوللاش يولىدا ھازىرغىچە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتۇق، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتىمۇ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر