سەئۇدى ئەرەبىستان ئېمبارگولارغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋەزىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان «ئېمبارگولار سەۋەبىدىن ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن» ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1942317
سەئۇدى ئەرەبىستان ئېمبارگولارغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە ۋەزىرى ئابدۇلئەزىز بىن سەلمان خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي جەمئىيىتى پايتەخت رىيادتا ئۆتكۈزگەن مۇھاكىمە يىغىندا، «ئېنېرگىيە ئېقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ئېمبارگولارنىڭ» ئېنېرگىيە بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «ئېمبارگولار، جازالار ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىگە قارىتىلغان ئېمبارگولار» دۇنيادا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ئېمبارگولارنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى كۆرسىتىپ: «ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، بارلىق ساھەلەردىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى» دىن ئەنسىرەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ئەمما قايسى ئېمبارگولارنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

ئۇ يەرشارى ئېنېرگىيە بازارلىرىنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر-ئوپېكتىن باشقا (OPEC) بەزى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان «+ OPEC» گۇرۇپپىسىغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«چۈنكى بىز سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشمايمىز، قارارلىرىمىز تېخنىكىلىققا ئىگە. مەن خاتالاشقان بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن، بىراق بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشلار ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىيۇندا (2022) قوبۇل قىلغان رۇسىيەدىن دېڭىز ئارقىلىق توشۇلىدىغان دىزېل ۋە سۇيۇق يېقىلغۇ قاتارلىق ھەر خىل نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، بۇ مەھسۇلاتلارغا يۇقىرى باھا چېكى بەلگىلەش، تۈنۈگۈندىن (2023-يىلى 5-فېۋرال) باشلاپ ئىجرا قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن دىزېل ۋە سۇيۇق يېقىلغۇ قاتارلىق ھەر خىل نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر