ئىستانبۇل 2022 – يىلى قانچىلىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى؟
2022 - يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %77 ئېشىپ، 16 مىليون 18 مىڭ 726 گە يەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 16 مىليون 18 مىڭ 726 گە يەتكەن.
ئالدىنقى يىلى (2021) ئىستانبۇلنى 9 مىليون 25 مىڭ 4 كىشى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 2022-يىلى 6 مىليون 993 مىڭ 722 كىشى كۆپەيگەن.
2021-يىلى ئىستانبۇلنى ئەڭ كۆپ گېرمانىيەلىكلەر زىيارەت قىلغان بولسا، 2022-يىلى رۇسىيەلىكلەر بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.
ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇل شەھىرىگە 1 مىليون 495 مىڭ 24 رۇسىيەلىك كەلگەن.
روسىيەدىن قالسىلا 1 مىليون 237 مىڭ 314 ساياھەتچى بىلەن گېرمانىيە ئىككىنچى، 1 مىليون 97 مىڭ 993 ساياھەتچى بىلەن ئىران ئۈچىنچى، 717 مىڭ 107 ساياھەتچى بىلەن ئامېرىكا تۆتىنچى، 613 مىڭ 199 ساياھەتچى بىلەن ئەنگلىيە بەشىنچى، 567 مىڭ 475 ساياھەتچى بىلەن فىرانسىيە ئالتىنچى، 473 مىڭ 563 ساياھەتچى بىلەن ئىسرائىلىيە يەتتىنچى، 423 مىڭ 945 ساياھەتچى بىلەن ئىراق سەككىزىنچى، 390 مىڭ 353 ساياھەتچى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان توققۇزىنچى ۋە 388 مىڭ 926 ساياھەتچى بىلەن كۇۋەيت ئونىنچى بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

«توگ» نى ئالدىن زاكاس قىلغانلارنىڭ سانى 41 مىڭغا يەتتى
تۈركىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى «توگ» نى ئالدىن زاكاس قىلغانلارنىڭ سانى 41 مىڭغا يەتتى.