رۇسىيە پولشاغا 500 مىڭ توننا رۇسىيە نېفىتى يوللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيە نېفىت تۇرۇببا يولى باشقۇرغۇچىسى «Transneft» پولشاغا يانۋاردا 500 مىڭ توننا رۇسىيە نېفىتى يوللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Transneft» نىڭ رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «TASS» قا بەرگەن باياناتىدا، قازاقىستاندىن گېرمانىيەگە 20 مىڭ توننا نېفىت توشۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، نېفىتنىڭ درۇجبا نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توشۇلغانلىقى ۋە بۇ خىزمەت جەرياننىڭ ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي قازاقىستان تەرەپنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
پولشانىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە، يانۋاردا 500 مىڭ توننا رۇسىيە نېفىتىنىڭ پولشاغا يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشىنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا ۋە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە ھەر خىل ئېمبارگولارنى يۈرگۈزمەكتە.
درۇجبا نېفىت تۇرۇبا يولى بولسا، بۇ ئېمبارگولارنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈردى
ئامېرىكا مەركىزى بانكاسى (ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى) ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈردى.