فىلىپس 6 مىڭ كىشىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

مەركىزىي گوللاندىيەگە جايلاشقان ئېلېكترونىك گۇرۇھى شىركىتى فىلىپس (Philips)، شىركەتنىڭ زىيان تارتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن چىقىملارنى ئازايتىش مەقسىتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەردىن 6 مىڭ كىشىنى خىزمەتتىن بوشىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1939771
فىلىپس 6 مىڭ كىشىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپسنىڭ 2022-يىللىق مەھسۇلات سېتىشقا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، مەھسۇلات سېتىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە 1.6 مىليارد ياۋرو زىيان تارتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، شىركەتنىڭ 2023-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەردىن 6 مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا يەنە، بۇ كىشىلەرنىڭ 1100 نىڭ گوللاندىيە پايتەختى ئامستېردام ۋە ئېيندخوۋېن شەھىرىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىلىپسنىڭ دۇنيادا 80 مىڭ خىزمەتچىسى بار بولۇپ، 2022-يىلى ئۆكتەبىردە چىقىملارنى ئازايتىش ئۈچۈن 4 مىڭ كىشىنى ئىشتىن بوشاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر