رەقەملىشىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ گوللاندىيە بانكىلىرى شۆبىلىرىنى تاقىماقتا
گوللاندىيەدە رەقەملىشىشنىڭ ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىشى ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن، ئىلگىرى يۈز تۇرانە قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ تور مۇھىتىغا كۆچۈشى بىلەن بىرلىكتە، نۇرغۇن بانكىلار تارماقلىرىنى تاقاشنى قارار قىلدى.
1937146

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ RTL تېلېۋىزىيەسى گوللاندىيەدىكى بانكىلارنىڭ رەقەملىك بانكا مۇلازىمىتىنىڭ ئېىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن يۈزتۇرانە ئىش بېجىرىش مۇھىتىدىن يىراقلىشىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، تارماقلىرىنى تاقىۋېتىشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.