تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاراخوتى «مۇقاۋىمەت» فېۋرالدا تۇنجى ۋەزىپىسىگە ئاتلىنىدۇ

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە فلوتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى «مۇقاۋىمەت» ناملىق پاراخوت فېۋرالدا (2023) تۇنجى ۋەزىپىسىگە ئاتلىنىدۇ.

1936465
تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاراخوتى «مۇقاۋىمەت» فېۋرالدا تۇنجى ۋەزىپىسىگە ئاتلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، قارا دېڭىزدا بايقالغان 710 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى قۇرۇقلۇققا يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ دائىرىدە، ساكارىيا تەبىئىي گاز ساھەسىدىن فىليوس تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا گاز توشۇيدىغان تۇرۇبىلاردىن باشقا يەنە، غايەت زور ئۈسكۈنىلەرنىڭ قارا دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى بىلەن 50 دىن ئارتۇق پاراخوتنىڭ بۇ خىزمەتكە قاتنىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا: «دۇنيادا پەقەت 5 دۆلەتتىلا بار بولغان بۇ ئېنېرگىيە فلوتى كۈندىن كۈنگە زورايماقتا. بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەزاسى بولغان ۋە تۈركىيە قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «مۇقاۋىمەت» ناملىق پاراخوت، فىليوس پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى. سۇ ئاستى قۇرۇلۇش پاراخوتى دەپمۇ بىلىنىدىغان «مۇقاۋىمەت» ناملىق پاراخوت ئاساسەن سۇ ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان خىزمەتلەرگە كۈچ قوشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر، كەڭلىكى 21 مېتىر كېلىدىغان بۇ پاراخوتتا ئىككىدىن كۆپ سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمىنى بىرلا ۋاقىتتا خىزمەتكە سالغىلى بولىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر