خەلقئارا پۇل فوندى: دۇنيا ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى كرىستالىنا جورجىيېۋا (Kristalina Georgieva) دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى توغرىسىدا مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ (2023) ئاخىرلىرىدا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1932198
خەلقئارا پۇل فوندى: دۇنيا ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى كرىستالىنا جورجىيېۋا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۇنيا ئىقتىسادى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بلدۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كېلەر يىلى (2024) تېزلىشىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «دۇنيا ئىقتىسادى ئۈستىدىكى بوران بۇلۇتلىرى پات يېقىندا تارقايدۇ. تۆۋەندىن چىقتۇق دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2023-يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى %2.7 بولىدۇ دەپ پەرەز قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «2023-يىلنىڭ ئاخىرلىدا، بولۇپمۇ 2024-يىلى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىقتىسادىي ئېشىشنى كۆرىمىز» دېدى.

ئۇ 2023-يىلىنىڭ يەنىلا مۈشكۈل بىر يىل بولىدىغانلىقىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ جاھىللىق بىلەن يەنىلا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ۋە تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى بولۇشنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيانى قانداق كىرىزىسنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلەشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىنى مۆلچەرلەشنىڭ قىيىنلىقىنى، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشىگە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر