تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بولغان ئېكسپورت سودىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلى (2022) 21 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

1931059
تۈركىيەنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بولغان ئېكسپورت سودىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى تۈركىيەنىڭ دۆلەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئېكسپورت نىسبەتلىرى نۇقتىسىدىن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتى 2021 - يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %12.3 ئېشىپ، 21 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق رېكورت سەۋىيەگە يەتكەن.

ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە، تۈركىيە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا 3 مىليارد 900 مىليون دوللار  بىلەن مىسىر بىرىنچى،  3 مىليارد دوللار بىلەن ماراكەش ئىككىنچى، 2 مىليارد 400 مىليون دوللار بىلەن لىۋىيە ئۈچىنچى، 1 مىليارد 900 مىليون دوللار بىلەن ئالجىرىيە تۆتىنچى، 1 مىليارد 600 مىليون دوللار بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا بەشىنچى بولدى.

ساھەلەر نۇقتىسىدىن خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە مەھسۇلاتلار ساھەسى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان ساھە بولدى.

خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە مەھسۇلاتلار ساھەسى بۇلتۇر ئافرىقا دۆلەتلىرىگە 4 مىليارد 28 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر