سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد بىن ئابدۇلئەزىز ئەلفالىھ ،دۆلىتى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1924250
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە 15 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فالىھ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان-ياپونىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، دۆلىتى بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇش ۋە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەزمۇن قىلغان 15 تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ كېلىشىملەرنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2030-يىللىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فالىھ: «ياپونىيە دوست ۋە دۇنيادا باشلامچى بىر دۆلەت بولغاچقا، بىزنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشماقتا» دېدى.

تەرەپلەر ئىمزالىغان كېلىشىملەر «سۈنئىي ئىدراك، تەنتەربىيە، پۇل-مۇئامىلە، بانكا مۇلازىمىتى، پولىئېستېر قايتىلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق، يېمەكلىك، سانائەت، ياسىمىچىلىق، سودا، ئېنېرگىيە، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەر ۋە خاسلاشتۇرۇش» قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر