ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆسۈم ئۆستۈردى
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرۈپ، يېقىنقى 15 يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بولغان %4.25-4.50 ئارىلىقىغا كۆتۈردى.
1919068
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئاشۇرۇش قارارىنىڭ بىردەك ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى؛ شۇنداق قىلىپ، بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى 2007-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرگەن بولدى.
ئۇدا تۆت قېتىملىق يىغىندا ئۆسۈم نىسبىتىنى 75 پوئىنت ئۆستۈرگەن ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى، بۇ يىلنىڭ (2022) ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىدا، ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.
خەلقئارا پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىمۇ ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى 50 ئاساسىي نۇقتا ئۆستۈرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى رېكورت ياراتتى
نورۋېگىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سانى تۇنجى قېتىم بېنزىن موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىن ئېشىپ كەتتى.