ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەر يىللىق ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانىنى رەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئۇكرائىناغا 18 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانى ۋېنگىرىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

1915855
ۋېنگىرىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەر يىللىق ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چېخىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى زىبىنېك ستانجۇرا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرغان يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، كېلەر يىلى ئۇكرائىناغا 18 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى مەزمۇن قىلغان پىلاننىڭ تەستىقلانمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك ماقۇللىشىنى شەرت قىلىدىغان ياردەم پىلانىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ستانجۇرا، ۋېنگىرىيەنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىدىن ھالقىپ، قالغان 26 ئەزا دۆلەت قوللايدىغان بىر ياردەم پىلانى تەييارلاشقا تۇتۇش قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدە ھالىتىدە ئۇكرائىناغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئورتاق قەرز ئېلىش قارارىغا قارشى چىققان ۋېنگىرىيە، ھەر بىر ئەزا دۆلەتنىڭ ئۇكرائىناغا ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتىگە قاراپ ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر