رۇسىيە: خىتاي بىلەن بولغان سودىدا يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىش نىسبىتى ئاشتى

رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن، خىتاينى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «سودىمىزنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك دۆلەت پۇللىرىمىز بىلەن قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

1914938
رۇسىيە: خىتاي بىلەن بولغان سودىدا يەرلىك پۇللارنى ئىشلىتىش نىسبىتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىشۇستىن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ 27-قېتىملىق سىن يىغىنى توغرىسىدىكى سۆزى جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ خىتايغا قىلىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە كۆمۈر بىلەن تەمىنلىشىمىز كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. خىتايدا رۇسىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن سېلىنىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشلىرىمۇ داۋاملاشماقتا. بىز نۆۋەتتىكى توختاملاردىكى بارلىق مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ ساھەدىكى يېڭى چوڭ تۈرلەرگە كىرىشكە تەييارمىز» دېدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىلاردا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك پۇللىرىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭمۇ ئاشقانلىقىنى تەكىتلەپ: «سودىمىزنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك دۆلەت پۇللىرىمىز بىلەن قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. بۇ خىل چىقىملار چوقۇم سودىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. بۇ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ لوگىكىسى» دېدى.

مىشۇستىن، ھەر خىل چەكلىمىلەرگە قارىماي، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا 150 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر