دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە نېفىتىغا باھا چېكى قويۇشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى (كرېمىل سارىيى) باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گ7 دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتى ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1914377
دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە نېفىتىغا باھا چېكى قويۇشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ھازىر ئانالىز قىلىۋاتىمىز، بىزنىڭ بۇ باھا چېكىگە قارشى تەييارلىقلىرىمىز بار، باھاغا يۇقىرى چەك قويۇشنى قوبۇل قىلمايمىز، تەھلىلىمىزدىن كېيىن بۇ ئىشنى قانداق تەشكىللەشنى ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گ7 دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغان رۇسىيە نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسىغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى چەكنى 60 دوللار قىلىپ بەلگىلەش قارارى ماقۇللىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر