ئۆكتەبىر ئايلىق ئېكسپورت رەقىمى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئۆكتەبىر ئېيىدا (2022) 21 مىليارد 328 مىليون دوللارغا يەتتى.

1912326
ئۆكتەبىر ئايلىق ئېكسپورت رەقىمى ئاشتى

ۈ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆكتەبىر ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي سودا سىستېمىسى دائىرىسىدە، ئېكسپورت سوممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ (2021) ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %3 ئېشىپ 21 مىليارد 328 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئېكسپورت سوممىسى يانۋار-ئۆكتەبىر مەزگىلىدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا بولسا، %15،4 ئىشىپ 209 مىليارد 394 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر